ئالاقىلىشىش تېلېفون نۇمۇرى: 4000997003
شىركەت ئادرېسى: شىنجاڭ كەلپىن ناھىيە ئەلنۇرى يولى 18-نومۇر.
شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 1995-يىلى ئۇن پىششىقلاش كەسپىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ،مەھسۇلاتنىڭ ساپ تەبىئىي ،شۈبھىسىز پىششىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا ئۆزلۈكسىز تىرىشىپ، ھازىر كەسىپ دائىرىسى ساپ تەبىئىي ئۇن پىششىقلاش، كەلپىن چامغۇرىنى پىششىقلاش، ساپ تەبىئىي گۈرۈچچىلىك، مىۋە-چىۋە پىششىقلاش، ئىكىلوگىيلىك دېھقانچىلىق مەيدانى، يېمەك-ئىچمەك، مېھمانساراي قاتارلىق كەسىپلەرگە كېڭەيگەن، مۇقىم خىزمەتچى خادىمى 150 نەپەردىن ئاشقان پىششىقلاش،سېتىش، مۇلازىمەت بىرگەۋدىلەشكەن ئونۋىرسال كارخانىغا ئايلاندى. شىركىتىمىز خەلقىمىزنى زىيادە ئاق، زىيادە سوزۇلۇشچان، زىيادە كۆپۈشچانلىققا ئىگە ساغلاملىقىمىزغا تەھدىت سېلىۋاتقان خېمىيىلىك دورىلار قوشۇلغان تەننەرقى تۆۋەن ئۇنلارنى ئىستىمال قىلىشتىن، ساپ تەبىئىي، پاكىز، قۇۋۋەتلىك ھەم ئورگانىزىمغا پايدىلىق بولغان ئۇنلارنى ئىستىمال قىلىشقا يېتەكلەپ خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقىغا ھەسسە قوشۇش مەخسىتىدە ئۇزۇن يىل ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق 2014-يىلى ھەرخىل بۇلغۇنۇشلاردىن خالى دۆلەت دەرىجىلىك ئىكىلوگىيىلىك رايۇن شىنجاڭ كەلپىن ناھىيە بازىرى تاغ باغرىغا ئورگانىك يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى بۇيىنچە 1- باسقۇچتا 20 مىليۇن يۈەن مەبلەخ سېلىپ، ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار بولغان كۈندۈلۈك بۇغداي پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارى 150 توننىلىق، بەشتىن خالى ھەقىقى ساپ تەبىئىي ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئۇن زاۋۇتى بىلەن يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىختىدارى 5000 توننىلىق مىۋە-چىۋە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى ئاساس قىلىپ كۆلەملەشكەن بىر سانائەت باغچىسى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈردى.
شىركەت ۋە زاۋۇتتىن كۆرۈنۈشلەر